Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Beyyine 1 / 8
1
ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى
Saleh 98:1
2
(ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر
Saleh 98:2
3
ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
Saleh 98:3
4
كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى
Saleh 98:4
5
ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اﷲ قا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر
Saleh 98:5
6
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر
Saleh 98:6
7
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار - ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر
Saleh 98:7
8
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ
Saleh 98:8
Beyyine suresi tamamlandı