Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Leyl 1 / 21
1
قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،
Saleh 92:1
2
يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
Saleh 92:2
3
ئەر - ئايالنى ياراتقان زات اﷲ بىلەن قەسەمكى،
Saleh 92:3
4
سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك - شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر
Saleh 92:4
5
(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك
Saleh 92:5
6
(پۇل - مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
Saleh 92:6
7
ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
Saleh 92:7
8
بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك
Saleh 92:8
9
بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
Saleh 92:9
10
بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز
Saleh 92:10
11
ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
Saleh 92:11
12
توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك - شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز
Saleh 92:12
13
دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك - شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر
Saleh 92:13
14
سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم
Saleh 92:14
15
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
Saleh 92:15
16
ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ
Saleh 92:16
17
پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
Saleh 92:17
18
پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ
Saleh 92:18
19
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
Saleh 92:19
20
ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
Saleh 92:20
21
ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ
Saleh 92:21
Leyl suresi tamamlandı