1
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
2
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
3
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
4
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
5
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
6
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
7
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
8
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
9
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
10
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
11
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
12
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
13
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
14
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
15
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
16
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
17
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى،
18
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،
19
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،
20
زېمىن قانداق يېيىتىلدى
21
سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن
22
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
23
لېكىن كىمكى (ۋەز - نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن،
24
اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
25
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
26
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز