1
ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
2
تۇر! (ئىنسانلارنى) اﷲ ىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر
3
پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا
5
ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول
6
كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)،
7
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل
8
سۇر چېلىنغان ۋاقىت - ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر
9
سۇر چېلىنغان ۋاقىت - ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر
10
كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر
11
(ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت
12
ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم
13
ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم
14
ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم
15
ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ
16
ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى
17
ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن
18
ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى
19
لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
20
يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى
22
ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،
23
ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى،
24
«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى،
25
«بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى
26
ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن
27
سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
28
ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)
29
ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
30
ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر
Sonraki 26 ayet →