Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Mearic 1 / 44
1
بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى
Saleh 70:1
2
ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ
Saleh 70:2
3
ئۇ (ئازاب) ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى اﷲ تەرىپىدىن بولغان
Saleh 70:3
4
پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ قا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ
Saleh 70:4
5
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن
Saleh 70:5
6
ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ
Saleh 70:6
7
بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز
Saleh 70:7
8
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ
Saleh 70:8
9
تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
Saleh 70:9
10
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ
Saleh 70:10
11

Saleh 70:11
12

Saleh 70:12
13

Saleh 70:13
14

Saleh 70:14
15
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر
Saleh 70:15
16
(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ
Saleh 70:16
17
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ
Saleh 70:17
18
ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ
Saleh 70:18
19
ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى
Saleh 70:19
20
ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر
Saleh 70:20
21
بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر
Saleh 70:21
22
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
Saleh 70:22
23
پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
Saleh 70:23
24
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ
Saleh 70:24
25
ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ
Saleh 70:25
26
ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر
Saleh 70:26
27
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر
Saleh 70:27
28
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (اﷲ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر
Saleh 70:28
29
ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر
Saleh 70:29
30
پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ،
Saleh 70:30