1
نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى،
2
(ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن
3
مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن
4
(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن
5
كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ
6

7
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
8
ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن
9
ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ
10
قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن
11

12

13

14
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ
15

16
ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز
17
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە ئاھالىسىنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى
18
ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى
19
ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى
20

21
ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر - بىرىنى توۋلاشتى
22

23
ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى
24

25
ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى
26
ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى
27

28
ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا اﷲ قا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟ دېدى
29
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى
30
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر - بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى
Sonraki 22 ayet →