Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Talak 1 / 12
1
ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. (نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ نىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى اﷲ نىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، اﷲ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن
Saleh 65:1
2
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار، بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ
Saleh 65:2
3
اﷲ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسا، اﷲ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى
Saleh 65:3
4
ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، (كىچىكلىكتىن) ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى قويۇۋېتىلگەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) بوشىنىش بىلەنلا تۈگەيدۇ، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ
Saleh 65:4
5
ئەنە شۇ اﷲ نىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ
Saleh 65:5
6
ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار)، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار، ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن
Saleh 65:6
7
باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم اﷲ نىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). اﷲ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، اﷲ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)
Saleh 65:7
8
نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق
Saleh 65:8
9
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىشتىن ئىبارەت بولدى
Saleh 65:9
10
اﷲ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى
Saleh 65:10
11
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە اﷲ نىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىمكى اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (اﷲ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ
Saleh 65:11
12
اﷲ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، اﷲ نىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) اﷲ نىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر
Saleh 65:12
Talak suresi tamamlandı