1
تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى،
2
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى،
3
ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى،
4
بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى،
6
(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى،
7
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر
8
ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ
9
ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ
10
تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)
11
ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي!
12
ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر
13
ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ
14
(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)
15
(ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر
16
دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)
17
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ
18
ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ
19
(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)
20
ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز
21
ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر
22
ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز
23
ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ
24
گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ
25
ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ
26
ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق
27
اﷲ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى
28
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى اﷲ قا ئىبادەت قىلاتتۇق، اﷲ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
29
(ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن
30
ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»
Sonraki 19 ayet →