Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Şura 1 / 53
1
حامىم،
Saleh 42:1
2
عين، سىين، قاف
Saleh 42:2
3
غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ
Saleh 42:3
4
ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، اﷲ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر
Saleh 42:4
5
(اﷲ نىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
Saleh 42:5
6
اﷲ نى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) اﷲ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن
Saleh 42:6
7
مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ
Saleh 42:7
8
ئەگەر اﷲ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ
Saleh 42:8
9
بەلكى ئۇلار اﷲ تىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت اﷲ ئىگىدۇر، اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىر
Saleh 42:9
10
سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا اﷲ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ اﷲ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) اﷲ قا مۇراجىئەت قىلىمەن
Saleh 42:10
11
اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق اﷲ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى اﷲ قا ئوخشاش ئەمەستۇر، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 42:11
12
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 42:12
13
اﷲ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، اﷲ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، اﷲ نىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ
Saleh 42:13
14
(يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر
Saleh 42:14
15
شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «اﷲ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، اﷲ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، اﷲ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر»
Saleh 42:15
16
كىشىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
Saleh 42:16
17
اﷲ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن
Saleh 42:17
18
قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر
Saleh 42:18
19
اﷲ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، اﷲ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
Saleh 42:19
20
كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق
Saleh 42:20
21
ئۇلارنىڭ اﷲ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (اﷲ نىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
Saleh 42:21
22
كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر
Saleh 42:22
23
اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش - خەۋەر بېرىدۇ. «(پەيغەمبەرلىكنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
Saleh 42:23
24
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) اﷲ قا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، اﷲ قا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، اﷲ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 42:24
25
اﷲ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
Saleh 42:25
26
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ، (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
Saleh 42:26
27
ئەگەر اﷲ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە - پاسات تېرىيتتى. لېكىن اﷲ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 42:27
28
ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) اﷲ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، اﷲ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
Saleh 42:28
29
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى اﷲ نىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، اﷲ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر
Saleh 42:29
30
سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، اﷲ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)
Saleh 42:30