Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Kasas 1 / 88
1
طاسن، مىم
Saleh 28:1
2
بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر
Saleh 28:2
3
ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز
Saleh 28:3
4
شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى) خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى
Saleh 28:4
5
بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز
Saleh 28:5
6
ئۇلارنى مىسىر زېمىنىد اكۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى مىسىرغا ھۆكۈمران قىلىشنى) كۆرسىتىمىز
Saleh 28:6
7
مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»
Saleh 28:7
8
پىرئەۋن نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى
Saleh 28:8
9
پىرئەۋن نىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى، (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋن نىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى
Saleh 28:9
10
مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋتننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس - ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ اﷲ نىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى
Saleh 28:10
11
ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تونۇمايتتى
Saleh 28:11
12
(ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى
Saleh 28:12
13
ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە اﷲ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ
Saleh 28:13
14
مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز
Saleh 28:14
15
مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقىدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»
Saleh 28:15
16
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». اﷲ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
Saleh 28:16
17
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»
Saleh 28:17
18
مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدەئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى، ناگاھان تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى
Saleh 28:18
19
مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى
Saleh 28:19
20
بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى
Saleh 28:20
21
مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى
Saleh 28:21
22
ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى
Saleh 28:22
23
مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى
Saleh 28:23
24
مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى
Saleh 28:24
25
ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى
Saleh 28:25
26
ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»
Saleh 28:26
27
ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن»
Saleh 28:27
28
مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، اﷲ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»
Saleh 28:28
29
مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)
Saleh 28:29
30
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ دۇرمەن
Saleh 28:30