Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
Şuara 1 / 227
1
طا، سىم، مىم
Saleh 26:1
2
بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر
Saleh 26:2
3
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن
Saleh 26:3
4
ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇقتە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى
Saleh 26:4
5
ئۇلارغا مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ
Saleh 26:5
6
ئۇلار راستلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ
Saleh 26:6
7
ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
Saleh 26:7
8
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
Saleh 26:8
9
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
Saleh 26:9
10
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن
Saleh 26:10
11
(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (اﷲ نىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»
Saleh 26:11
12
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن
Saleh 26:12
13
(ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن
Saleh 26:13
14
(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن»
Saleh 26:14
15
اﷲ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز
Saleh 26:15
16
سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز
Saleh 26:16
17
ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار»
Saleh 26:17
18
(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى) پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟
Saleh 26:18
19
سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن»
Saleh 26:19
20
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم
Saleh 26:20
21
سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى
Saleh 26:21
22
سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر»
Saleh 26:22
23
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟»
Saleh 26:23
24
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»
Saleh 26:24
25
پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى
Saleh 26:25
26
مۇسا ئيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
Saleh 26:26
27
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر»
Saleh 26:27
28
مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار»
Saleh 26:28
29
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن»
Saleh 26:29
30
مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»
Saleh 26:30