Ana SayfaMealler › Saleh
S
Saleh
Saleh meali ile okumaya başla
İsra 1 / 111
1
اﷲ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 17:1
2
مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، (ئۇلارغا) مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق)
Saleh 17:2
3
ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، اﷲ نىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى
Saleh 17:3
4
ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، اﷲ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
Saleh 17:4
5
بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى
Saleh 17:5
6
ئاندىن (يەنى تەۋبە قىلغىنىڭلاردىن) كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق (يەنى دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلدۇق، سىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق)، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق
Saleh 17:6
7
(ئى ئسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىپ (ئۇنى خاراب قىلىشى) ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق)
Saleh 17:7
8
(ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار (يەنى قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار)، بىز قايتىمىز (يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز). جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق
Saleh 17:8
9
بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ
Saleh 17:9
10
(يەنە مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىدۇكى) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
Saleh 17:10
11
ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا - چاقىلىرىغا) خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر
Saleh 17:11
12
كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق
Saleh 17:12
13
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە - ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق. كۆرىدۇ
Saleh 17:13
14
(ئۇنىڭغا) «نامە - ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ. كۆرىدۇ» دېيىلىدۇ
Saleh 17:14
15
كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق
Saleh 17:15
16
بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى - پاسات قىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
Saleh 17:16
17
نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر
Saleh 17:17
18
بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ
Saleh 17:18
19
كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ
Saleh 17:19
20
بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ
Saleh 17:20
21
ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك (جەھەتتىكى پەرق) زىيادە چوڭدۇر
Saleh 17:21
22
اﷲ قا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (اﷲ نىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن
Saleh 17:22
23
پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
Saleh 17:23
24
ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن
Saleh 17:24
25
پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا - ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ خاتالىغىڭلارنى كەچۈرىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر
Saleh 17:25
26
تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن - سەبىلگە (خەيرى - ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل - مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن
Saleh 17:26
27
ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى
Saleh 17:27
28
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى - ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن
Saleh 17:28
29
قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن) قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇ ئەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن
Saleh 17:29
30
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Saleh 17:30