1
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن اﷲ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق
2
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي!
3
ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق. كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، اﷲ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر
4
قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق، اﷲ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر). اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
5
بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا. (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
6
مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. اﷲ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
7
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر (كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى
8
مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى اﷲ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى
9
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت اﷲ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلە دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
10
پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى اﷲ نىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ اﷲ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى
11
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن اﷲ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن)
12
اﷲ بىزنى (بىزنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا اﷲ قا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى
13
كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز
14
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر»
15
پەيغەمبەرلەر اﷲ تىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى اﷲ قا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى
16
ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ
17
(ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
18
پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشىمايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ شاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر)
19
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى اﷲ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ
21
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، اﷲ قا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان اﷲ نىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «اﷲ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەربىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
22
ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ
23
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ) سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، دەپ سالام بېرىدۇ
24
اﷲ نىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ. كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان
25
پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى - ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. اﷲ كىشىلەرگە ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ
26
يامان سۆز (يەنى كۇفرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ
27
اﷲ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. اﷲ زالىملا - نى گۇمراھ قىلىدۇ، اﷲ خالىغىنىنى قىلىدۇ
28
اﷲ نىڭ بەرگەن نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلغان ۋە ئۆز قەۋمىنى (ئازدۇرۇش بىلەن) ھالاكەت مەۋقەسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟
29
(ھالاكەت مەۋقەسى) جەھەننەمدۇركى، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
30
ئۇلار (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) ئازدۇرۇش ئۈچۈن، اﷲ قا نۇرغۇن بۇتلارنى شېرىك قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولدۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر» دېگىن
Sonraki 22 ayet →