1
ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ
2
اﷲ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە) سەير قىلىدۇ، اﷲ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ
3
اﷲ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك - چىشى - ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار
4
يەر يۈزىدە بىر بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمىدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار
5
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
6
ئۇلار سەندىن (اﷲ نىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن اﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ
7
كۇففارلار نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك. ئۇ اﷲ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش)
8
ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى اﷲ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ - قىزمۇ، بىرمۇ - كۆپمۇ، چوڭمۇ - كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ - سەتمۇ، بەختلىكمۇ - بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ - قىسقىمۇ - ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (اﷲ) بىلىدۇ. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر
9
اﷲ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر
10
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (اﷲ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)
11
ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى - كەينىدە اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، اﷲ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان اﷲ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ
12
اﷲ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ
13
گۈلۈرماما اﷲ نى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ اﷲ تىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، اﷲ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار اﷲ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، اﷲ نىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر
14
ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا اﷲ قا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس - تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر
15
ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا اﷲ قا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ
16
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
17
اﷲ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇ لىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ (يەنى كۆپۈكمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). اﷲ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، اﷲ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
18
اﷲ نىڭ (ئىمان غا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال - مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال - مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!
19
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ
20
ئۇلار اﷲ نىڭ ئەھدىگە (يەنى اﷲ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ
21
ئۇلار اﷲ نىڭ (خىش - ئەقرىبالارغا) سىلە - رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، اﷲ تىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ
22
پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (اﷲ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى بىلمەستىن يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) - ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
23
ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ
24
(پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرىنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ
25
اﷲ قا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، اﷲ نىڭ سىلە - رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار - ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ
26
اﷲ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئازغىنا نەرسىدۇر
27
كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش اﷲ نىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) اﷲ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ» دېگىن
28
(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ
29
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ
30
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»
Sonraki 13 ayet →