1
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر
2
(ئېيتقىنكى) «سىلەر پەقەت اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، (كاپىر بولساڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، (ئىمان ئېيتساڭلار اﷲ نىڭ ساۋابى بىلەن سىلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن
3
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، اﷲ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن
4
(ئۆلگەندىن كېيىن) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
5
راستتىنلا ئۇلار (يەنى كاپىرلار) (رەسۇلۇللاھ، قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىرىدە) ئۇنىڭدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈز ئۆرۈيدۇ، راستلا ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغانلىرىدا، اﷲ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
6
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى اﷲ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، اﷲ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جاينى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغاندۇر
7
اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان - زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) اﷲ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن (مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ (سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر»
8
ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستلا ئۇلارغا اﷲ نىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ
9
ئەگەر بىز بىرەر ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ
10
ئەگەر بىز (پېقىرلىق، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ
11
پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە يولۇققاندا) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر (ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
12
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسىمەن، اﷲ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر
13
ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، اﷲ تىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۆز ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار»
14
ئەگەر ئۇلار (بۇ چاقىرىقىڭلارغا) ئاۋاز قوشمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان اﷲ تىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان. اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر (اﷲ قا) بويسۇنامسىلەر؟
15
(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
16
بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ
17
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئۇنىڭغا اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ (نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، (كۇففار) جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (قۇرئاننىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ
18
(اﷲ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دەپ) اﷲ قا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا اﷲ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى اﷲ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)
19
ئۇلار (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام يولىدىن) توسىدۇ، اﷲ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر
20
ئەنە شۇلار زېمىندا اﷲ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا اﷲ تىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
21
ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى
22
شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر
23
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاجىزلىق بىلدۈرگەنلەر - ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
24
(كاپىرلار ۋە مۆمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقە) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ، (يەنە بىر پىرقە بولسا) كۆزى كۆرۈدىغان، قۇلىقى كۆرۈدىغان، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر - بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئىبرەت ئامامسىلەر؟
25
شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
26
بىر اﷲ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى
27
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى
28
نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
29
ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل - مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن، (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن
30
ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، اﷲ نىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟
Sonraki 30 ayet →