1
(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!
2
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن
3
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان اﷲ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر
4
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق
5
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اﷲ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق
6
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»