1
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
2
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
3
راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
4
ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
5
ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)
6
سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر
7
ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر
8
ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر